ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىلارنى ئۇنتۇماسلىق ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا ھەسسىلەپ رەھمەت ئېيتىش

2011-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
 — باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭنىڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا   خۇ جىنتاۋ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭنىڭ ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە     باش شۇجى خۇ جىن
  

 — باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭنىڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

 
خۇ جىنتاۋ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭنىڭ ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە

    باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئۇزاقتىن بۇيان تۇزلۇق سۇ ئىچىپ كېلىۋاتقان نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭنىڭ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى 100 مىڭ دېھقان 2010 – يىلى قىشتىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. تاتلىق، پاكىز سۇ تۈمەنلىگەن ئائىلىگە كىرگەندىن كېيىن، يۇرتداشلارنىڭ قەلبىدە باش شۇجىنى پاكىز، تاتلىق سۇدا دەملەنگەن بىر پىيالە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىشتەك سەمىمىي ئىستەك پەيدا بولدى.

    يۇڭنىڭ ناھىيەسى نىڭشيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر يۈزى سۈيىنىڭ فىتور، تۆمۈر ماددىسى ئۆلچەمدىن ناھايىتى يۇقىرى. 2005 – يىلىدىن بۇيان، لەنجۇ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق قىسىملاردىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ كۈچەپ ياردەم بېرىشىدە، ناھىيەدە يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، 70 مىڭغا يېقىن ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ئارقا – ئارقىدىن ھەل قىلىندى، ئەمما، 2010 – يىلىنىڭ باشلىرىدا جەنۇبتىكى يېزىلاردا يەنىلا 100 مىڭ كىشى تۇزلۇق سۇ ئېچىۋاتاتتى.

    2010 – يىل 23 – مارت چۈشتىن بۇرۇن، نىڭشيادا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان باش شۇجى خۇ جىنتاۋ يۇڭنىڭ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى شېڭلى يېزىسى يۈەنلىن كەنتىدىكى قۇدۇق قېزىش مەيدانىغا مەخسۇس كېلىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم يېڭىدىن قېزىلغان بىر قۇدۇقتىن ئۆز قولى بىلەن سۇ تارتتى. مۇزدەك قۇدۇق سۈيى قۇدۇقتىن ئېتىلىپ چىققاندا، باش شۇجى خۇشال بولۇپ، كەنت خەلقى بىلەن بىرلىكتە سۇنى تېتىدى.

    يولغا چىقىش ئالدىدا، باش شۇجى يۇڭنىڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئامالنىڭ بارىچە ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن سۇ ئىزدەپ، قۇدۇق قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ قايتا – قايتا تاپىلىدى.

    باش شۇجى قۇدۇق قېزىش قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا باردى ھەم مۇھىم كۆرسەتمە بەردى: ئىللىق باھار شامىلى يۇڭنىڭ ناھىيەسىگە تېزدىن تارقىلىپ، كادىرلار، ئاممىغا زور ئىلھام بەردى. ئاممىنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئىستېھكامغا ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلاندى

    لەنجۇ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق قىسىملاردىكى كوماندىر – جەڭچىلەر باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈيى كەمچىل ئاممىنىڭ ئالدىرىغىنىغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، يەرلىكنىڭ قۇدۇق قېزىشىغا ياردەم بېرىش جېڭىگە تېزدىن ئاتلاندى. كۆپچىلىك ھېرىپ – چارچاشتىن قورقماسلىق، ئۈزلۈكسىز جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتى ناچار چۆللەردە ئىشلەپ، جاپادىن قورقماي ئامما ئۈچۈن سۇ ئىزدىدى، قۇدۇق قازدى.

    شۇ جايدىكى قۇرۇلۇشچىلار كېچە – كۈندۇز ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلدى، نۇرغۇن كىشى قۇرۇلۇش مەيدانىدا يېتىپ – قوپۇپ، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بىر قېتىممۇ ئۆيىگە قايتمىدى. كۈندۈزدىكى قۇرۇلۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، تۇرۇبا ماتېرىياللىرى كېچىدە تارقىتىلدى. ئىسكىلات باشقۇرۇشقا مەسئۇل يۇڭنىڭ ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى فېڭ لىچىن: ‹‹شۇ ۋاقىتتا، قۇرۇلۇش مۇددىتىگە ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن، تۇرۇبا ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش يېرىم كېچە سائەت ئىككى – ئۈچلەرگىچە داۋاملاشتى. بەزىدە بىر كىشى يېتىشەلمىگەندە، پۈتۈن ئىدارىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر كېلىپ ياردەملەشتى››، دېدى.

    ئۈچ ئايدىن كۆپرەك جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، يۇڭنىڭ ناھىيەسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مەنپەئەتلىنىدىغانلار ئەڭ كۆپ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى 2010 – يىل 27 – نويابىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئالتە يېزا – بازار، 44 كەنتتىكى 100 مىڭ كىشىنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىندى، ناھىيەدە يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. يۇرتداشلار رەڭگارەڭ داس – چېلەكلەرنى كۆتۈرۈپ، خۇشال – خۇرام ھالدا سۇ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئۇنتۇلغۇسىز بۇ ئالاھىدە كۈننى قانغۇچە تەبرىكلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يىنچۈەن، 3 – يانۋار تېلېگراممىسى

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!