8-فېۋرال كەچتە، كاۋكاز رايونىدىكى چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى گرۇزنىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ، ئالاھىدە خىزمەت ئەترىتىنىڭ 3 نەپەر ساقچىسى يارىلانغان.
يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى:« بىر گۇرۇپپا ساقچى Derbentskaya كوچىسىدىكى 4 قەۋەتلىك بىناغا بىر نەپەر قوراللىقنى تۇتۇش ئۈچۈن كىرگەندە پارتىلاش يۈز بەردى » دېگەن. ئەينى چاغدا ساقچىلار بىناغا بىر قوراللىق كىشى يوشۇرۇنىۋالغان دەپ گۇمان قىلغان.
ئۇ تولۇقلاپ، پارتىلتىش قۇرۇلمىسى بىرىنچى قەۋەتتىكى ئاشخانا ئۆيدىكى كۆمۈر خالتىسىغا يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن دېگەن.
ئۇ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-يىلى 4-ئايدا، كېرمىل سارىيى چېچىنىيەدە 10 يىلغا سوزۇلغان توپىلاڭچىلارغا قارشى ھەركىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا ساقچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى.
مەنبە: روسىيە ئاخبارات تورى(نەپرەت) چېچەن قوراللىقلىرىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان سۈرەتلىرى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!