
دۇنيا بىليارت بىرلەشمىسى 8–فېۋرال ئېلان قىلغان سىنوكېر بىليارت ماھىرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىدە ، دىڭ جۈنخۇي بەشىنچىلىككە چۈشۈپ قالدى . بۇ قېتىمقى سىنوكېر بىليارت ماھىرلىرىنىڭ رەت تەرتىپى گېرمانىيە سىنوكېر ئۇستىلىرى مۇسابىقىسىدىن كېيىن باھالانغان بولۇپ ، دىڭ جۈنخۇي گېرمانىيە سىنوكېر ئۇستىلىرى مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈككە كىرەلمىگەنىدى ، ئۇنىڭ ئارقىدا تۇرۇۋاتقان مارك سەلبى بولسا ئىككىنچى بولدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇ بۇ قېتىمقى سىنوكېر بىليارت ماھىرلىرىنىڭ رەت تەرتىپىدە دىڭ جۈنخۇينىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ، تۆتىنچى بولدى .
شوتلاندىيە ماھىرى جون ھىگگىنىس بۇ قېتىمقى سىنوكېر بىليارت ماھىرلىرىنىڭ رەت تەرتىپىدە يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان . ئوسۇللىۋان توققۇزىنچىلىككە چۈشۈپ قالغان . جۇڭگولۇق يەنە بىر بىليارت ماھىرى بو جياجۈن 15 ئورۇندا تۇرغان .