
ماتېرىيال سۈرەت: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتېس (Robert Gates)
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 10 - يانۋار تېلېگراممىسى: جۇڭگو دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې 10 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ‹‹1 - ئاۋغۇست›› بىناسىدا ، زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتېس بىلەن سۆھبەتلەشتى .
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتى ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى مۇناسىۋىتى ۋە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى .



سۆھبەتتىن بۇرۇن ، لياڭ گۇاڭليې گايتېسنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . سۆھبەتتىن كېيىن ، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى .
لياڭ گۇاڭليېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، گايتېس 9 - يانۋار كەچتە بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ ، جۇڭگودىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى . گايتېس جۇڭگونى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇ ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يا جيېچىلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىدۇ . گايتېس يەنە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 2 - توپچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ.
بۇ گايتېسنىڭ 2006 - يىلى دېكابىردا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيانقى 2 - قېتىملىق جۇڭگو زىيارىتى.

ماتېرىيال سۈرەت: 2007 - يىلى 5 - نويابىر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۈەن بېيجىڭدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گايتېس بىلەن سۆھبەتلەشتى . سۆھبەتتىن ئىلگىرى ، ساۋ گۇاڭچۈەن گايتېسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى