ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما 6 يىلدىن بۇيان سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق تۇنجى ئامېرىكا ئەلچىسى تەيىنلىدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:نامەلۇم يوللىغۇچى: قەيسەر
گەرچە رەقىبى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئوباما 29-دېكابىر پارلامېنتنى ئەگىپ ئۆتۈپ، 6 يىلدىن بۇيانقى سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق تۇنجى ئەلچىنى تەيىنلىگەن. ئوباما : مېنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم ئىران ۋە سۇرىيەگە سۆزلىشىش سىگنالى بې
  


گەرچە رەقىبى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئوباما 29-دېكابىر پارلامېنتنى ئەگىپ ئۆتۈپ، 6 يىلدىن بۇيانقى سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق تۇنجى ئەلچىنى تەيىنلىگەن.
ئوباما :« مېنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم ئىران ۋە سۇرىيەگە سۆزلىشىش سىگنالى بېرىش، بۇ رايوننىڭ دېپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش » دېگەن. پىرىزدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىران ۋە سۇرىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشقان.نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، دەمەشىق بىلەن مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلغان.
بۇ يىل 2-ئايدا، ئوباما ھۆكۈمىتى سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىسى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، سۇرىيە رايونلۇق تەسىر كۈچكە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا شەرق تىنىچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى بار ئىكەن. بىراق، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى بۇلتۇرقى يىللىق دوكلاتىدا سۇرىيەنى يەنىلا « تېرورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر » قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
مەنبە: سەھەر بىرلەشمە گېزىتى(نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!