ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پەلەستىن برازىلىيەدە ئەلچىخانا ئاچتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ پىرىزدېنتى مەھمۇد ئابباس برازىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇلىنى سالدى، بۇ پەلەستىننىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى بىرىنچى ئەلچىخانىسى بولۇپ قالىدى. 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، برازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيە شەھىرىدە قۇرۇلۇش باشلاش م
  


پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ پىرىزدېنتى مەھمۇد ئابباس برازىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇلىنى سالدى، بۇ پەلەستىننىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى بىرىنچى ئەلچىخانىسى بولۇپ قالىدى.
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، برازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيە شەھىرىدە قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، ئابباس برازىلىيەنىڭ پەلەستىننى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلدى.
ئابباس :« بىز برازىلىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز بۇنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز » دېگەن.
برازىلىيە يېقىندا جەنۇبىي ئامېرىكىدا تۇنجى بولۇپ 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئارگېنتىنا، ئۇرگۇۋاي، بولىۋىيە ۋە ئېكۋاتورلارمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چىلى، مېكسىكا، پېرۇ ۋە نىكاراگۇئا ئېتراپ قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
مەنبە:ئەل-جەزىرە تورى(نەپرەت)

بىرازىلىيە پەلەستىننى ئېتراپ قىلدى

ئارگېنتىنا پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىننى ئېتراپ قىلىدۇ

بولىۋىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلدى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!