
‹‹ئاي پەرىسى 2 – نومۇرلۇق›› ئالەم كېمىسى ئاي شارىدا تارتقان قىسمەن سۈرەتلەرنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 8 – نويابىر ئۆتكۈزۈلدى، ۋېن جياباۋ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۈرەتنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، جاڭ دېجياڭ ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى <ئاي پەرىسى 2 – نومۇرلۇق> ئالەم كېمىسىنىڭ ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغانلىقى توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسى››نى ئوقۇدى.
لى چاڭچۈن 8 – نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن 11 – قېتىملىق جۇڭگو ئاخباراتچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مۇكاپاتلاش، دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سەھىپە يارىتايلى.
