ئېفىئوپىيەدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بىر بالا تېببىي خادىملارنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلماقتا
فىرانسىيە ئاگېنىتلىقى ۋاشىنگتون 11–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : بەزى دوكلاتلاردا :‹‹ 25 دۆلەتتىكى ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىلەرنىڭ سانى ئادەمنى چۆچىتىدۇ›› ، دېيىلگەن .
دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ‹‹ يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغانلارنىڭ سانى›› دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، نامراتلىق ، توقۇنۇش ۋە سىياسىينىڭ مۇقىم بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يىل تەخمىنەن بىر مىليارد ئادەم ئاچارچىلىقتا قالغان . بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىمى ئافرىقا قىتئەسى ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى بالىلار ئىكەن .
خەلقئارا يېمەكلىك سىياسىتى تەتقىقات ئورنى تەييارلىغان ‹‹يەر شارى دىققىتىگە ›› تېمىسىدىكى يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، دۇنيادىكى 122 نامرات دۆلەت ئىچىدىكى 25 دۆلەتتىكى ئاچارچىلىق ئەھۋالى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقا قىتئەسىدىكى تۆت دۆلەتنىڭ ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان .
كونگونىڭ ئاچارچىلىق نىسبىتى ئەڭ ئېغىر بولۇپ ، بۇ كۆرسەتكۈچ 2003–يىلىدىن 2008–يىلىغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان . تەتقىقاتچى خادىملار بۇ بىپايان ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتىدە ، تۆتتىن ئۈچ قىسىم كىشىلەردە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىغانلىقىنى ، بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
‹‹ يەر شارىنىڭ ئاچارچىلىق دەرىجە كۆرسەتكۈچى›› نى ھېسابلاشنىڭ ئۈچ كۆرسەتكۈچى بولۇپ ، بۇلار بىر دۆلەتتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن كىشىلەرنىڭ نىسبىتى ؛ بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمگە يەتمەسلىك نىسبىتى ؛ بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدىن ئىبارەت .
دوكلاتتا ، كونگودا ‹‹ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان ، ئىچكى توقۇنۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، نۇرغۇن ئادەملەر سەرگەردان بولۇپ كەتكەن ، ئاشلىق ئۇزۇن مۇددەت يېتىشمىگەن›› دېيىلگەن .
دوكلاتتا يەنە : ‹‹ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشى تۈپەيلىدىن ، ئاشلىق تەمىنلەش بىلەن تەقسىمات ئەھۋالى ئىنتايىن يامانلاشقان ؛ ئاساسىي ئەسلىھەلەر ناچار بولغانلىقتىن ، چەت ، يىراق رايونلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئارلىقى تېخىمۇ يىراقلاشقان ›› دېيىلگەن .
بېنگال دۆلىتى ، ھىندىستان ، شەرقىي تېمور ۋە يەمەندىكى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەسلىكى ئومومىيۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ ، بۇ تۆت دۆلەتتىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 دىن ئېشىپ كەتكەن .
ئافغانىستان ، ئانگولا ، چاد ۋە سومالىدىكى بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر دۆلەتتە ئۆلۈپ كەتكەن بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ نىسبىتى %20 تىن ئېشىپ كەتكەن . چاۋشىيەن بولسا ، ئاچلىق دەرىجە كۆرسەتكۈچى ئېشىپ كەتكەن توققۇز دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ ، 1990–يىلىدىكى 16.2 نۇقتىدىن 2010–يىلدىكى 19.4 نۇقتىغا ئۆرلىگەن . ئۇنىڭدىن باشقا سەككىز دۆلەتنىڭ ھەممىسى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنوبىدىكى ئافرىقا قىتئەسىدە ئىكەن .