روسىيە« سودىگەرلەرگېزىتى»نىڭ10-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا كۈچ-قۇۋۋىتى ئەڭ زور بولغان B-53ئىسسىق يادرو بومبىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش تۈرىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.روسىيە مۇتەخەسىسىلىرى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە ۋە تەڭداشسىز ئىلغار قوراللىرى بار،ھازىر B-53شەكلىدىكى بىر قەدەر قالاق قورالغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ دەپ قارىغان.
ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستېرلىكى دۆلەت يادرو بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باشقارمىسى10-ئاينىڭ14-كۈنى،ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئەڭ زور بولغان B-53ئىسسىق يادرو بومبىسىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى،كونكرىت چۇۋۇش خىزمىتى تېكساس شىتاتىنىڭ ئامارىلوغا يېقىن جايدىكى پانتېكس يادرو زاۋۇتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ جاكارلىغان.ئەمما بۇ قېتىم كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغان B-53بومبىسىنىڭ كوكرت سانىنى ئېنىق دېمىگەن،ئامېرىكا مۇستەقىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغان،ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ ھازىر50دانە B-53ئىسسىق يادرو بومبىسى بار ئىكەن.
روسىيە ھەربىي مۇتەخەسىسى،«دۆلەت مۇداپىئەسى»ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى كىروتىچېكوۋنىڭ دېيىشىچە،سوۋېت ئىتتىپاقى B-53غا ئوخشاش يادرو بومبىسىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە90-يىللىرىنىڭ بېشىدا چېكىندۈرگەن،ھازىر ئامېرىكا B-53ئىسسىق يادرو بومبىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاشنى قارار قىلغان،ئاساسلىق سەۋەبى بۇ خىل ھاۋادىن تاشلايدىغان يادرو بومبىسى زامانىۋىلاشقان ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىي تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.
B-53ئىسسىق يادرو بومبىسىنى1959-يىلى لوس ئالاموس(Los Alamos) دۆلەت تەجرىبىخانىسى تەتقىق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان،دەسلەپكى ۋاكالەت نومىرىMK53.
ئەينى چاغدا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سوغاق ئۇرۇشنىڭ كەسكىن باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا،ئامېرىكا دۆلەت تەجرىبىخانىسى تەتقىقات مەركىزى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىدىغان،يادرو ئۇرۇشى پارتىلىغاندا ئىشلىتىدىغان بومبا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش ۋەزپىسىنى تاپشۇرىۋالغان،شۇنىڭ بىلەن ئىسسىق يادرو بومبىسى دۇنياغا كەلگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!