بېرمىنىڭ يېڭى دۆلەت بايرىقىشىياڭگاڭ داگوڭ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،بېرما دۆلەت تىنىچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتىتى10-ئاينىڭ21-كۈنى ئېلان قىلغان قانۇنغا ئاساسەن،بېرما«بېرما فدراتسىيە جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى»بېكىتكەن يېڭى دۆلەت بايرىقى،يېڭى دۆلەت گېرىبىنى رەسىمىي ئىشلىتىشكە باشلىغان،دۆلەت شېئىرى ئۆزگەرمەيدىكەن.
بېرما دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،دۆلەتنىڭ ھەرخىل خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن،دۆلەت تىنىچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتىتى«بېرما فېدىراتسىيىسى جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى»بويىچە،دۆلەت بايرىقى،دۆلەت گېرىبى ۋە دۆلەت شېئىرىغا ئالاقىدار يېڭى پەرمان جاكارلىغان.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن،بېرمىنىڭ يېڭى پايتەختى نايپىيىداۋ(Nay Pyi Daw)ۋە ئەسلىدىكى پايتەختى رانگوندا يېڭى دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
2008-يىلى،بېرما ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق«بېرما فېدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى»نى ماقۇللىدى.يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن،بېرما دۆلىتىنىڭ ئىسمى بېرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى بولىدۇ،پايتەختى نايپيىداۋ بولىدۇ،پىرىزدېنتلىق تۈزۈم يۈرگۈزىدۇ،پىرىزدېنت دۆلەت ئالىي باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى بولىدۇ.ئۈچ خىل ئارمىيە باش شىتابى ھەر قايسى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانلىق مەركىزى بولىدۇ،ئارمىيە ھەر قايسى دەرىجىلىك پارلامېنتتا سايلانماي بارلىققا كەلتۈرۈلگەن پارلامېنت ئورنىنىڭ%25گە ئىگە بولىدۇ.بېرما كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم يۈرگىزىدۇ،بازار ئىقتىسادى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ،ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان،ئاكىتىپ،ئىتتىپاق تۈزمىگەن دېپلوماتىيە سىياسىتى قوللىنىدۇ،باشقا دۆلەتلەرنىڭ بېرمىدا قوشۇن تۇرغۇزىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.
2010-يىلى11-ئاينىڭ7-كۈنى،بېرما يېڭى ئاساسىي قانۇن بويىچە كۆپ پارتىيىلىك مەملىكەتلىك چوڭ سايلام ئۆتكۈزىدۇ.ھۆكۈمەت جەمئىي37پارتىيەنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.سايلامدىن كېيىن،ھازىرقى ھەربىي ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت ھوقوقىنى يېڭى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
بېرمىنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت بايرىقى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!