ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە روسىيە سېبىرىيەدە چوڭ نېفىتلىك بايقىدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ياپونىيە ئىقتىساد سانائەت ۋازارىتى قارمىقىدىكىنېفىت تەبىئىي گاز ۋە مېتال كېنى شېركىتى(JOGMEC)يېقىندا جاكارلىشىچە،روسىيەنىڭ ئېركۇتسىكىي نېفىت شېركىتى(INK) بىلەن سىبىرىيەنىڭ شەرقىدىكى3كان رايونىدا،كەڭ كۆلەمدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىق بايقىغان،قېزىشقا بولىد
  


ياپونىيە ئىقتىساد سانائەت ۋازارىتى قارمىقىدىكى«نېفىت تەبىئىي گاز ۋە مېتال كېنى شېركىتى»(JOGMEC)يېقىندا جاكارلىشىچە،روسىيەنىڭ ئېركۇتسىكىي نېفىت شېركىتى(INK) بىلەن سىبىرىيەنىڭ شەرقىدىكى3كان رايونىدا،كەڭ كۆلەمدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىق بايقىغان،قېزىشقا بولىدىغان نېفىت زاپىسى مۆلچەرلىنىشچە370مىليون تۇڭغا يېتىدىكەن.خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،يېڭى نېفىتلىك2015-يىلى ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىلىدىكەن،ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئېنىرگىيە مەنبەسىگە تايىنىشىنى ئازايتىشتا ئۈمۈد بار ئىكەن.
سېبىرىيەنىڭ شەرقىدە زور مىقداردىكى ئېچىلمىغان كان رايونى بولۇپ،بۇ قېتىم ياپونىيە تۇنجى بولۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا نېفىتلىك تەكشۈرۈپ چىققان.نۆۋەتتە ياپونىيە بىلەن روسىيە پەقەت كان رايونىنىڭ شەرقىنى تەكشۈرگەچكە،دەسلەپكى مۆلچەردە قېزىشقا بولىدىغان نېفىت زاپىسى110مىليون تۇڭغا يېتىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،بۇ قېتىم بايقالغان نېفىتلىك ئېركۇتسىكى شىتاتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ،ئوتتۇرا شەرقتىن چىقىدىغان خام نېفىتكە قارىغاندا نىسبەتەن يېنىك بولۇپ،خوت سۇلفورى ئاز ئەلا سۈپەتلىك نېفىت ئىكەن.نېفىتلىك رەسىمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن،يېڭىدىن قۇرۇلىۋاتقان سېبىرىيە-تىنىچ ئوكيان تۇربا يولى ئارقىلىق ياپونىيەگە ئېكىسپورت قىلغىلى بولىدىكەن.
JOGMECنىڭ ئىسپاتلىشىچە،ئېركۇتسىكى شىتاتىنىڭ جەنۇبىدا باشقا يەنە2كان رايونى بولۇپ،تەبىئىي گاز بايقالغان.ياپونىيە3كان رايونىغا%49مەبلەغ سالىدىكەن،روسىيە%51مەبلەغ سالىدىكەن،ياپونىيە نىسبىتى ئوخشاش پايدىغا ئېرىشەلەيدىكەن،مۆلچەرلىنىشچە2014-يىلغىچە،ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا300مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!