روسىيە فرانسىيەدىن سېتىۋالغان ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى تىنىچ ئوكيانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن
تەھلىللەردە كۆرسىتىشىچە، فرانسىيە روسىيەگە سېتىپ بەرمەكچى بولغان « Mistral » دەرىجىسىدىكى ھۇجۇمچى پاراخوتلارنى روسىيە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ تىنىچ ئوكيان فلوتىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەمدە ياپونىيە بىلەن ئىگىلىك ھوقوق ماجراسى قىلىۋاتقان جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئاراللىرى(ياپونىيە شىمالدىكى 4 ئارال دەپ ئاتايدۇ) مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
روسىيە تەرەپ 2009-يىلىلا « Mistral» دەرىجىسىدىكى ھەربىي پاراخوتىنى سېتىۋېلىش ئويى بولۇپ، فرانسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان. ئەمما ئىككى تەرەپ كېيىن تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن، موسكىۋا 2010-يىلى 8-ئايدا خەلقئارادا سودىگەر چاقىرغان، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا فرانسىيەنىڭكىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان. تەھلىللەردە مۆلچەرلىشىچە، روسىيەنىڭ فرانسىيەدە ياسالغان بىرىنچى پاراخوتى 2014-يىلى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىكەن، روسىيە تىنىچ ئوكيان فلوتىغا سەپلىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيا-تىنىچ ئوكياندا يەر شارىدا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان دۆلەتلەر بولۇپ، نوپۇسى دۇنيانىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگەللەيدىكەن، روسىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر چوقۇم تالىشىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغان. يەنە كېلىپ، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ھەمدە جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئاراللىرى ماجراسى بولغاچقا، روسىيە بۇ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى چوقۇم كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر « Mistral » دەرىجىسىدىكى ھۇجۇمچى پاراخوت جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، كۆچمە بازىنى تولۇقلاپ، ئارالدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەرگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ھۇجۇمچى پاراخوت بىرلا ۋاقىتتا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە دېڭىزدا قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلالايدىكەن.
مەنبە: ۋېنۋېيپاۋ تورى(نەپرەت)