شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باغداد، 13 – فېۋرال تېلېگراممىسى. ئىراق پارلامېنتى 13 – فېۋرال يىغىن ئېچىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېڭى ھۆكۈمەتتىكى بوش تۇرۇۋاتقان سەككىز مىنىستىر نامزاتىنىڭ ئورنىنى ئاۋاز بېرىپ تولۇقلاشنى قارار قىلدى.
ئىراق زۇڭلىسى مالىك شۇ كۈنى پارلامېنتقا مىنىستىرلار تىزىملىكىنى سۇندى. پارلامېنت ئېلېكتر ئېنېرگىيە مىنىستىرى، سودا مىنىستىرى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى مىنىستىرى ھەم باشقا بەش مىنىستىر نامزاتىنى كۆپ ئاۋاز بىلەن تەستىقلىدى.
مالىك سۇنغان تىزىملىكتە پىلان مىنىستىرى ھەم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىدىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان ئۈچ نازۇك ۋەزىپىگە قويۇلىدىغان مىنىستىر نامزاتى يوق. بۇ ئۈچ ۋەزىپىنى زۇڭلى ئۆزى ۋاكالىتەن ئۆتەپ تۇرىدىكەن.
ئىراق توققۇز ئاي سىياسىي ۋاكوئومنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مالىك 2010 – يىلى 12 – ئايدا سايلامدىن كېيىن يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. لېكىن تەرەپلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، يېڭى ھۆكۈمەتتىكى قىسمەن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى باشقا مىنىستىرلار ۋاقتىنچە ۋاكالىتەن ئۆتەپ تۇرغان.