ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كۇچا ناھىيەلىك 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 5–سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى : جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كۇچا ناھىيەلىك 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–سانلىق يىغىنى 12–،13–فېۋرال كۇچا مېھمانخانىسىنىڭ 3–قەۋەت يىغىن زالىدا ئېچىلدى .

   يىغىندا ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كۇچا ناھىيەلىك 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كۇچا ناھىيەلىك 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 4–سانلىق يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ، ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى شۇنداقلا 2010–يىللىق ‹‹ئىلغارلىقنى تالىشىپ ، نەمۇنىلىكنى بەرپا قىلىش››تىكى ئوچا بازارلىق سىياسى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش–ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق بەش ئىلغار كوللېكتىپ ، ئەركىن ئابلا قاتارلىق 20 نەپەر مۇنەۋۋەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ھېكىم سىيىت قاتارلىق يەتتە نەپەر مۇنەۋۋەر تەكلىپ بەرگۈچى، ۋاڭ جۈن قاتارلىق يەتتە نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئۆگىنىش– ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغان ياخشى رەھبەر تەقدىرلىنىپ مۇكاپاتلاندى.

         
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر