ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئەرەب دۇنياسىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشكە تەييارلىق قىلىپ قويدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-فېۋرال خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتيانياخۇ 14-فېۋرال ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا « سىياسىي يەر تەۋرەش » يۈز بەرگەنلىكتىن، ئىسرائىليە ئارمىيىسى « يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق ۋەقەلەرگە تەييارلىق قىلىپ قويدى » دېگەن.
نېتيانياخۇ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئارمىيە باش قوماندانى بېننىي گەنز (Benny Ganz) نىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا:« پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا سىياسىي يەر تەۋرەش يۈز بەردى، بىز ئەڭ ئاخىرىدا قانداق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز » دېگەن.
نېتيانياخۇ:« بىز مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بۇ ۋەقەلەرگە ئاللىقاچان تەييارلىق قىلىپ قويدۇق. چۈنكى بىز ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەمدە قوشنىلىرى بىلەن تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە تايىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز » دېگەن.
مىسىر پىرىزدېنتى مۇبارەكنىڭ ئىستىپا بېرىشىگە ئىسرائىلىيەنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان. مىسىر قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئالىي كومىتىتى 1979-يىلدىكى مىسىر-ئىسرائىلىيە تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەرتنامىلەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئىسرائىلىيە قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى