جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
ئەرمىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى سىر سارجىزان بىلەن باش مىنىستىرى تارگىن زۇرنى سارجىزان 17-فېۋرال يېرېۋاندا زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى. سىر سارجىزان مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشنى ۋە جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. تارگىن زۇرنى سارجىزان مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ياڭ جيېچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەرمىنىيەنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا ۋە جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىدە جۇڭگونى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو ئەرمىنىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتىن ئۆزئارا ئىشىنىشنى، تاشقى سودا، ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى، مەدەنىيەت، مائارىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە يەرلىكلەر ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار