ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا بەھرەيىن شاھزادىلىرىنىڭ « سەتچىلىكى » نى مەخپىي توپلىغان

2011-يىلى02-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئامېرىكا بەھرەيىن شاھزادىلىرىنىڭ « سەتچىلىكى » نى مەخپىي توپلىغانۋىكىلىكس ( ۋىكى مەخپىيەتلىكنى يېشىش ): ئامېرىكا بەھرەيىن شاھزادىلىرىنىڭ « سەتچىلىكى » نى مەخپىي توپلىغان
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئەنگىلىيە كۈندۈلۈك يوللانمىلار تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىكىلىكس تورى ئەڭ يېڭى ئاشكارلىغان مەخپىيەتلىكتىن ئايان بولىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى بەھرەيىندە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىدىن بەھرەيىننىڭ ئىككى شاھزادىسىنىڭ « سەتچىلىكى » گە ئالاقىدار ئاخباراتلارنى ھەمدە بەھرەيىن خان ئوردىسىكى خادىملارنىڭ ئۆز ئارا « پۇت تېپىشىشى » گە ئالاقىدار ئىسپاتلارنى توپلاشنى مەخپىي تەلەپ قىلغان.
2009-يىلى 10-ئايدا، « قەتئىي مەخپىي » دېگەن بەلگە سېلىنغان دېپلوماتىيە تېلېگىراممىسى دۆلەت كاتىپى ھىلارىنىڭ ئىشخانىسىغا يوللانغان. كېيىن بۇ تېلېگراممىنى ۋىكىلىكس قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە كۈندۈلۈك يوللانمىلار تورى ئارقىلىق ئاشكارلىغان.
تېلېگىراممىدا دېيىلىشىچە، بەھرەيىن شاھزادىلىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى يېڭى ئەۋلاد كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن دىققەت قىلىش كېرەك، تەھلىل قىلىش كېرەك دەپ قارالغان. تېلېگراممىدا ئەلچىخانا شاھزادىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئېنگىلىز تىلى سەۋىيىسى ۋە مائارىپ تەبىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا تەرەپ مەزكۇر تېلېگىراممىسىدا: بەھرەيىن شاھزادىسى ناسىر ۋە خالىد زەھەر چېكەمدۇ، ھاراق ئىچەمدۇ ياكى باشقا « سەتچىلىكى » بارمۇ يوق دەپ سورىغان. ھەتتا پايتەخت مەنامەھتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىمىدىن ئالاھىدە قىلىپ « شاھزادىلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلاردىن دوستى بارمۇ يوق ؟ » دەپ سورىغان. تېلېگىراممىدا يەنە ۋەلىئەھىد سالماننىڭ ئەتراپىدا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالغان گۇمانلىق بىرى بارمۇ يوق، باشقا شاھزادىلەر بىلەن سالمان ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بارمۇ يوق، بار بولسا قانداق خاراكتېردىكى زىددىيەت، بۇ زىددىيەت بۇ جەمەتتە باش ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ يوق؟ دېگەنلەرنى سورىغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بەھرەيىن پادىشاھى ھاماد بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 4 خوتۇنى بولغان، 7 ئوغۇل ۋە 5 قىز پەرزەنتلىك بولغان، ئامېرىكا دىققەت قىلىدىغان ناسىر شاھزادە بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بەھرەيىننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان، 21 ياشلىق خالىد شاھزادە ھاماد پادىشاھنىڭ ئىككىنچى ئايالىدىن بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن مۇنداق ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچنىمە دېمىگەن. بەھرەيىن خان ئوردىسىدىكى خادىملار ئارىسىدىكى ھەر قانداق سىياسىي زىددىيەت ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بەھرەيىن ئامېرىكا 5-فىلوتىنىڭ بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرىشىنىڭ مۇھىم كوزىرى.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى       
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر