شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىيوڭياڭ، 23 – فېۋرال تېلېگراممىسى. چاۋشيەن ھەربىي دائىرىلىرى بۈگۈن پىيوڭياڭدا : چاۋشيەن داۋاملىق زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، چاۋشيەن – كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ،دېدى.
چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بۈگۈن بۇلتۇر نويابىردا يىنپىڭ ئارىلىدا يۈز بەرگەن توپقا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىسىدا ‹‹ھەقىقىي ئەھۋال توغرىسىدا ئاشكارا يازما››ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقە كورېيە تەرەپ ئاۋۋال توپقا تۇتۇپ، ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقتىن، چاۋشيەن قايتۇرما زەربە بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقتىن يۈز بەرگەن، دېدى.
‹‹ھەقىقىي ئەھۋال توغرىسىدا ئاشكارا يازما››دا مۇنداق دېيىلگەن: ھەر قانداق ئادەم يىنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹ سەتچىلىك تارىخى››نى باھانە قىلىپ، مىللەت ئارا قارشىلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويسا بولمايدۇ، بولمىسا چاۋشيەن – كورېيە مۇناسىۋىتى ياخشىلانمايدۇ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.