ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بارى مۇھەممەت بىر توپ بىلەن پۈتۈن جۇڭگوغا تونۇلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    1ــ مارت ئېلىپ بېرىلغان ، ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ F گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ، خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ياپونىيە J بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋە ياپونىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى  Nagoya Grampus كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى . نەتىجىدە ، لۈچىڭ كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر توپچى بارى مۇھەممەتنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن 0 گە قارشى2 نەتىجە بىلەن Nagoya Grampus كوماندىسىنى ئۇتتى .

    تۇنجى قېتىم ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە Nagoya Grampus كوماندىسى توختىماي خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىغا تەھدىت سېلىپ تۇرغان بولسىمۇ ، توپ كىرگۈزەلمىدى .

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا ، خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ۋۇ جىنگۇي كوماندىدىكى ئۇيغۇر توپچى بارى مۇھەممەتنى مەيدانغا چۈشۈردى . بۇ ھالقىلىق ۋاقىتتىكى ئادەم ئالماشتۇرۇش خاڭجۇ كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . بارى مەيدانغا چىقىپ ، تۇنجى  قېتىم توپ ئېلىشى بىلەنلا ، سەپدىشى Ramires قا بىر چىرايلىق ھۇجۇم پاس بەردى ، Ramires بۇ توپنى كىرگۈزۈپ ، خاڭجۇ كوماندىسىنى بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى . بىر توپ ئارقىدا قالغان Nagoya Grampus كوماندىسى شىددەتلىك ھۇجۇم تەشكىللەپ ، خاڭجۇ كوماندىسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، توپ كىرگۈزەلمىدى . مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 8 مىنۇت قالغاندا ، بارى قارشى تەرەپنىڭ سول تەرىپىدىن بۆسۈپ كىرىپ ئىنتايىن چىرايلىق بىر ئاسما توپ كىرگۈزۈپ ، Nagoya Grampus كوماندىسىنىڭ خاڭجۇ كوماندىسىغا يېتىشىۋىلىش خىيالىنى تامامەن بىتچىت قىلدى .

   شۇنداق قىلىپ ، بارى مۇھەممەت ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسغا قاتناشقان شۇنداقلا توپ كىرگۈزگەن تۇنجى شىنجاڭلىق توپچى بولۇپ قالدى .

    بارى مۇھەممەت شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىدىن چىققان تۇنجى كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ ، 2010 ــ يىلى خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىغا كىرگەن . 2010 ــ يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە 14 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ بىر توپ كىرگۈزگەن . يېقىندا ، جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ ، مىر ئەخمەتتىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان شىنجاڭلىق پۇتبولچى بولۇپ قالغان .

   گەرچە ،  بارى مۇھەممەت كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى باشلىغىلى بىر يىل بولسىمۇ ، ئۇنى بىلىغانلار بەك ئاز ئىدى . ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى بىلەن پۈتۈن جۇڭگودىكى پۇتبول مەستانىلىرىغا تونۇلدى . كىشىلەر بارىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىسىنى ئامېرىكا ھىكايە فىلىمى ‹‹Goal››غا ئوخشىتىپ ، بارى بىر توپ بىلەن تونۇلدى دېيىشمەكتە .

بارى مۇھەممەت

    بارى مۇھەممەت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر