ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى دائىملىق مۇسابىقىدە مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 2010 – 2011 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى 30 – مەيدان مۇسابىقىسى 2 – مارت كەچتە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ساھىبخانا كوماندا مەيدانىدا 102گە قارشى 108 نومۇر بىلەن دۇڭگۇەن ماركو پولو كوماندىسىنى يېڭىپ، 27 مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، مۇددەتتىن تۆت مەيدان بۇرۇن بۇ يىلقى CBA دائىملىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

   30 – مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسى 26 مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 – ئورۇندا تۇردى. دۇڭگۇەن ماركو پولو كوماندىسى 22 مەيدان ئۇتۇپ، بەش مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 2 – ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسىدىن تۆت مەيدان ئارقىدا، 3 – ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئىلگىرىكى چېمپىيون گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن بانكىسى كوماندىسىدىن ئىككى مەيدان ئالدىدا تۇردى.

   30 – مەيدان مۇسابىقىدە، دۇڭگۇەن ماركو پولو كوماندىسىدىكى چەت ئەللىك ماھىر فرومان يارىلىنىپ مۇسابىقىگە قاتناشمىدى. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسىدىكى چەت ئەللىك ماھىر دۇبى ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن ئىككىنى ئاتتى، دۇڭگۇەن كوماندىسىدىكى سۈن جې، چيۇ بياۋ بىلەن جاڭ كەي ھەمكارلىشىپ ئالتە نومۇر ئالدى، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە يېرىملىشىشقا ئىككى مىنۇت قالغاندا، ئىككى تەرەپ 6 : 6 بولۇپ تەڭلەشتى. ئىككى تەرەپ مۇسابىقىدە ناھايىتى كەسكىن ئېلىشقان بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ نەچچە قېتىم كەتكۈزۈپ قويدى. شۈ گوچۇڭ ھالقىلىق پەيتتە ئۇدا يەتتە نومۇر ئېلىپ، ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسىدىكىلەرنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇردى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە يېرىملاشقاندا، ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسى 23: 24 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇدا بەش نومۇر ئالغان دۇڭگۇەن كوماندىسى نومۇر پەرقىنى چوڭلاتتى. شۈ گوچۇڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى ئاتتى، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا، ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسى 41: 44 نەتىجە بىلەن ئۈچ نومۇر كەينىدە قالدى.

   كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، مەردان بىلى يارىلانغان باتۇر بىلەن ئالماشتى. مەردان مەيدانغا چۈشۈپلا سىنگلېتون بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇڭگۇەن كوماندىسىنىڭ ئىچ سىزىقىدىكىلەرگە تەھدىت سالدى. مەرداننىڭ ياردىمىدە شۈ گوچۇڭ ئۈچ نومۇر ئالدى. دۇبى ئارقىدىن يەنە نومۇر ئالدى. شىرئەلى كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا ئالدى بىلەن ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى ئاتتى، ئارقىدىن يەنە سىنگلېتوننىڭ نومۇر ئېلىشىغا ئىككى قېتىم ياردەملەشتى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسى 72: 64 نومۇر بىلەن رەقىبىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى ھەم مەيداندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. دۇڭگۇەن كوماندىسى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن تىرىشتى، جوش كۈچەپ ئويناپ، جاڭ كەي، چيۇ بياۋ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن يەتتىنى ئېتىپ، نومۇر پەرقىنى نەچچە قېتىم كىچىكلەتتى. ئاخىرقى بىر مىنۇتتا دۇڭگۇەن كوماندىسى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، دۇبى بىلەن سىنگلېتون جازا توپ ئېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم توپنى ياخشى ئاتتى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسى ساھىبخانا كوماندا مەيدانىدا رەقىبىنى يەڭدى.

   بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا، ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسى مۇددەتتىن تۆت مەيدان بۇرۇن دائىملىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، ‹‹ئۇچار يولۋاس››كوماندىسى قۇرۇلغان 12 يىلدىن بۇيان دائىملىق مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم چېمپىيون بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!