ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاپتونوم رايون‹‹8–مارت››ئاياللار بايرىمىنىڭ101يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر قايسى سەپلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار ئاياللار كوللېكتىپى ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەندى

    مېھرىگۈل تۇردى خەۋىرى : ئاپتونوم رايون 7 – مارت چۈشتىن كېيىن، ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 101 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر قايسى سەپلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار ئاياللار كوللېكتىپى ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۇڭ ئەيرۇڭ، دۇچىنرۈي، ئەركىن تۇنىياز، كې لى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  سۇڭ ئەيرۇڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۇڭ ئەيرۇڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››دا، زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچنى ئېنىق تونۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنى كۈچەيتىپ، قەيسەرلىك بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى؛ ھەر دەرىجىلىك ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاياللارنىڭ مەنپەئىتىگە ئەڭ بىۋاسىتە چېتىلىدىغان، ئەڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى نىشان قىلىپ، ئاياللار خىزمىتىنىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاياللارنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاتنىششقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئايال كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئايال كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللار تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

    يىغىندا ئاپتونوم رايون بويىچە ئون ‹‹8 – مارت›› قىزىلبايراقدار ئۈلگە، 89 ‹‹8 – مارت›› قىزىلبايراقدارى، 35 ‹‹8 – مارت›› قىزىلبايراقدار كوللېكتىپ، 300 ‹‹ئاياللار مەدەنىيلىكىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن››، 200 ‹‹ئايال تۆھپە قوشۇش›› ئۈلگىسى ۋە ‹‹ئاياللارنىڭ تۆھپە قوشۇش›› مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدىكى 50 ئىلغار خىزمەتچى تەقدىرلەندى. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا – بازار(كوچا) باشقارمىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىلىرىگە كومپىيۇتېر قاتارلىق ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى سوۋغا قىلىندى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!