
6 – مارت ، تۇغما يۈرەك كېسىلى بىلەن بېيجىڭدا داۋالانغان قەيسەر ئاپىسى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى . شۇ كۈنى ، بېيجىڭغا بېرىپ ھەقسىز داۋالاشنى قوبۇل قىلغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 12 نەپەر شىنجاڭلىق ئۆسمۈر بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالدىن T69 – قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى . ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەتچىلەر باش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ غۇنچىلار قۇرۇلۇشى ›› پائالىيىتىنىڭ ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن شىنجاڭلىق 51 نەپەر تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۆسمۈر 2 – ئايدىن باشلاپ بېيجىڭغا بېرىپ داۋالانغان . بۇ بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىككى يېرىم ياش ، ئەڭ چوڭى 13 يېرىم ياش بولۇپ ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئىكەن . بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيە ھەققىنىڭ ھەممىسىنى جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ۋە ھاۋا ئامىيە باش دوختۇرخانىسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن بۇ 12 بالا تۇنجى تۈركۈمدە ئوپېراتسىيە قىلىنغان بالىلار ئىكەن .

ئالتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن سەككىز ياشلىق خۇيزۇ قىز ما لوڭشيا پويىزغا چىقماقتا

شىنجاڭلىق بالىلار خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مۇزىيېنىڭ ئىچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا

مىراجىگۈل ئاپىسى بىلەن بىللە تىيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەكتە
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!