ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: 2011 – يىلى 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان يىل، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قاراتمىلىقى، جانلىقلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك ئېشىشىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى كونترول قىلىش جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادتا زور داۋالغۇش كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا 2011 – يىللىق ۋەزىپىلەرنىڭ بەلگىلىنىش ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ، قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ‹‹ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› تىن باشقا، ئىقتىسادتا زور داۋالغۇش كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىندا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنى مۇستەھكەملىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئىسلاھ قىلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.
يىغىن خەۋىرى تارقىلىشى بىلەنلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك بەس – مۇنازىرە قوزغالدى. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە پۇل پاخاللىقىنى مۆلچەرلەش قاتارلىق سىياسەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.
مەركىزىي مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو بانكىچىلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو تيەنيۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىز ئىقتىسادى كۆپ تەرەپلىك تەڭشەش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جايلاردا يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆي – زېمىن بازىرىنى تەڭشەش سىياسىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن