ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ خاتا ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ ئۇرۇشقا بولغان تەسىرىنى باھالىماقچى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 7-مارت خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس 7-مارت ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا يېتىپ كېلىپ، ئافغانىستاننى ھېچقانداق شەپىسىزلا زىيارەت قىلغان. گايتىسنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى 9 نەپەر ئافغانىستان بالىسىنىڭ خاتا ئۆلتۈرۈلىشى ئافغانىستان ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان ئەھۋالدا، بۇ ۋەقەنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىغا بولغان تەسىرىنى باھالاش ئىكەن.
بەش بۇر جەكلىك بىنا ئاخبارات كاتىپى موللېرنىڭ بىلدۈرىشىچە، گايتىس ئافغانىستاننىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىمىدىكى ش ئا ئە ت قىسىملىرىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان ھەمدە ئافغانىستان پىرىزدېنتى كارزاي ۋە ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوماندانى پېترائۇس بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتە، 9 بالا ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى كۇنار ئۆلكىسىدە ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ خاتا بومباردىمانىدا قازا قىلغان ئىدى، ئافغانىستان تەرەپ بۇ ۋەقەدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، مۆلچەرلىنىشچە بۇ ۋەقە گايتىس بىلەن ئافغانىستان رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم تېمىسى بولۇپ قالىدىكەن.
6-مارت، كارزاي ئافغانىستان ئىچكى كابېنت يىغىنىدا پېترائۇسقا ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ خاتا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ئۈچۈن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشى « يېتەرلىك ئەمەس » دېگەن.
ئافغانىستان پىرىزدېنت مەھكىمىسى باياناتىدا كارزاينىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ:« پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىشى ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب » دېگەن.
كارزاي ئاگاھلاندۇرۇپ « ئەگەر بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش » ۋەقەسى توختىمىسا، ش ئا ئە ت بىرلەشمە ئارمىيىسى « غايەت زور مەسىلە » گە دۇچ كېلىدۇ، بۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر تالىباننى قوللايدۇ دېگەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى ناتو قوماندانى بالىلارنى خاتا ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ئەپۇ سورىدى