ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ھەققىدە ئورتاق كېڭەشتى

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

  

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ھەم گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى .ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىنمۇ يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ 4 - مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ھەم گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ھەققىدە كېڭەشتى.

   خۇ جىنتاۋ 4 - مارت چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پاراتىيەسى، ‹‹ 3 - سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتىدىن بولغان ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. يۈ ۋېنمىڭ، جۇ جيەنمىن، جى جيەنخۇا، لى بىن، گاۋ تېجيەن، لەي مىڭ قاتارلىق ئەزالار تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش ئىگىلىكىگە ئىلھام بېرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارنى سىياسەت خاراكتېرلىك قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى تەرەققىيات ئارقىلىق زورايتىش، يېمەكلىك، دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بەس - بەستە سۆز قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ 12 ئەزانىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇپ، كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەتتە تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە پەن - تېخنىكىغا تايىنىش نېگىز، مائارىپ ئاساس، ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا ئالغا بېسىش بىلەن كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەل يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، ساپاسى، ئۈنۈمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مائارىپ باراۋەرلىكى مەسىلىسىنى ئېتىبار بىلەن ھەل قىلىپ، ساپا ئۆستۈرۈشنى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى قىلىپ، خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان مائارىپ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ياخشى مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، كۆپ خىللاشقان، ئىندىۋىدۇئاللاشقان، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىشىنى ياخشى مۇھىت ۋە مېخانىزم بىلەن تەمىنلەپ، ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ھەر جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتى، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، تۆھپە يارىتىپ، نەتىجە قازىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن يۈكسەلدۈرۈپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم ئورنىتىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان داۋالىنىش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش، يەرلىكنىڭ ئاشلىق تېرىشنى تۇتۇش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. جيا چىڭلىنمۇ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

   ۋۇ باڭگو 4 – مارت چۈشتىن كېيىن ، پارتىيەسىز زاتلار ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى . لىن ئېردا ، جياڭ شياڭسۈن ، چېن جياڭلياڭ قاتارلىق ئەزالار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئائىت قانۇن چىقىرىش ، پەن – تېخنىكا تەربىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى . ۋۇ باڭگو ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق  تەكىتلىدى : پارتىيەسىز زاتلار ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بىر كۈچ بولۇپ ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ  تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى . پارتىيەسىز زاتلار ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى باش تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش ،  ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ، دۆلەتكە جاۋاپ قايتۇرۇش ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتا قابىلىيىتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ ، تۆھپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ۋۇ باڭگو ‹‹ 12 – بەش يىل ›› توغرىسىدا ، ئەزالارنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە  چېتىلىدىغان زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ، چوڭقۇر  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، قاراتمىلىقى ، سالمىقى بار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ ، مەركەزنىڭ تەدبىر تۈزۈشىنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى .

   جيا چىڭلىن 4 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى . ئۇ جاڭ ئېندى ، لىن مىڭجياڭ ، جاۋ جىندۇڭ قاتارلىق ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى : ئۇزاقتىن بۇيان ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئەستايىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىسلاھات ، تەرەققىيات ، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇش ، مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتتى . يېڭى ۋەزىيەت ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى ۋە مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ فۇنكىسسىيەسىنى ئادا قىلىشى ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى ، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ پارتىيە 17 –قۇرۇلتىيى ۋە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ، ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر