ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بۈگۈردىكى كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   غالىب تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: بۈگۈر ناھىيەسى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، چەكلىك ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  بۇ ناھىيە قىزىل نېفىتلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش سانائەت رايونى ۋە لايسۇ نېفىت، نېفىت – خىمىيە سانائەت رايونىدىكى 93 كارخانىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توك، كۆمۈر يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ۋە كارخانا مەبلىغىنى تېجەشنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بەردى. ئۈچ يىل ئىچىدە، بۇ يەردىكى سانائەت كارخانىلىرى ئۈسكۈنىلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئۆلچەم ئىچىدە كونترول قىلىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 10 مىليون 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېنېرگىيەنى كۆپ سەرپ قىلىدىغان، بۇلغىمىنى كۆپ قويۇپ بېرىدىغان بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتتى. ‹‹دوڭ جىڭ›› ۋە ‹‹شياڭ رۈي›› شىركەتلىرى 2 مىليون 600 مىڭ يۈەن، 2 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ‹‹تيەن يۈەن›› شىركىتى بىلەن ‹‹خۇا دوڭ›› نېفىتلىك ئىدارىسىنىڭ بۈگۈر بازىسى 3 مىليون يۈەن، 750 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئەسلىدىكى كۆمۈر بىلەن ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان پار قازانلىرىنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ‹‹خوڭ تەي›› شىركىتى 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى، زاۋۇت ئىچىدىكى تىرانسفورموتور ۋە توقۇمىچىلىق ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، چەكلىك ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!