جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 7-مارت خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە « مەركىزىي گېزىتى » نىڭ 7-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن كېيىن، شىمالىي كورىيە 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى (GPS) غا كاشىلا قىلغۇچى ئېلىكتىر دولقۇنى قويۇپ بېرىپ، سېئۇلنىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلاردا سىنگال قوبۇل قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى:« 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋە 6-كۈنى، سېئۇل، ئىنچون، پاجۇ قاتارلىق رايونلاردا GPS ئىشلىتىدىغان يانفۇنلاردا ۋاقىت قالايمىقانلىشىش، سۆزلىشىش سىگنالى ناچار بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنىڭ خائېجۇ ۋە كىمچىك رايونىدىكى قىسىملار ئالاقىگە كاشىلا قىلىش ئېلىكتىر دولقۇنى قويۇپ بەرگەنلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئايان بولدى » دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ ئېلىكتىر دولقۇنى تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، 6-مارت يانفۇنلاردا بىر قاتار قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن، يانفۇنلارنىڭ كۈن سانى ۋە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغان. چۈنكى يانفۇننىڭ ۋاقتى سۈنئىي ھەمراھ سىگنالى قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، شىمالىي كورىيەنىڭ « ئىلكترون ھۇجۇمى » سەۋەبلىك، يانفۇن ۋە يول باشلاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكۈچى پۇقرالار بۇ قالايمىقانچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ GPS كاشىلا ئېلىكتىر دولقۇنى ھەر 5-10 مىنۇتتا بىر قېتىم قويۇپ بېرىلگەن. جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى:« ئېھتىمال شىمالىي كورىيە يېقىندا ئىمپورت قىلغان 200 كىلومېتىر دائىرىگە كاشىلا قىلىدىغان كۆچمە ئەسلىھەسىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ئېلىكتىر دولقۇنى قويۇپ بەرگەن بولىشى مۇمكىن » دېگەن. ئەمما، جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات ئورگانلىرى شىمالىي كورىيە قويۇپ بەرگەن ئېلىكتىر دولقۇنىنىڭ ۋاقتىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلغان، ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ مەقسىتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلانغان جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ « ھەل قىلغۇچ قارار » ھەربىي مانىۋېرىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. مانىۋېردا ئىشقا سېلىنغان ئىلغار سېنزورلۇق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىگە GPS سېستىمىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، گەرچە جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى « ھەربىيلەرش ئىشلىتىدىغان GPS بىلەن خەلق ئىشلىتىدىغان GPS ئايرىۋېتىلگەن، تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ » دېگەن بولسىمۇ، ئەمما كاشىلىغا ئۇچرىمىغان ئۇچرىغانلىقىنى تېخى جەزملەشتۈرۈلمىگەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!