ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

خوتەن ۋىلايىتى29قىز ئىستۇدېنتقا43مىڭ500يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     مۇقەددەس ئوبۇلھەسەن خەۋىرى : خوتەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 29 قىز ئىستۇدېنتقا 43 مىڭ 500 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى.

    ئۇقۇشىمچە، خوتەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا ‹‹كۆك ئاسمان باھار غۇنچىلىرى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىقلاپ، 29 قىز ئىستۇدېنتنى بۇ قېتىمقى ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئوبيېكتى قىلغان ھەم ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 1500 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىگە ئىگە قىلغان.

    ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن مۇھەررەم ئەسقەر مۇنداق دېدى: مەن ‹‹كۆك ئاسمان باھار غۇنچىلىرى›› تۈرىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇمغا يەتتىم، بۈگۈن يەنە 1500 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتىم، مەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!