ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى خانىم ــ قىزلار

2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلغاندىن بۇيان ، مۇخبىرلارنىڭ ئاپپاراتلىرى ئايال ۋەكىللەر ، ئايال مۇخبىرلار ، ئايال خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئالدىراش سىماسىنى سۈرەتكە تارتتى . ‹‹ 8 ــ مارت خانىم قىزلار بايرىمى ›› ئەنە شۇلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن تېخىمۇ مەنىلىكتۇر . سۈرەتتە : 2011 ــ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى ، ئاز سانلىق مىللەت ئايال ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىملىرىنى كىيىپ يىغىنغا قاتناشتى .

3 ــ مارت ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11 ــ نۆۋەتلىك تۆتىنچى يىغىنى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى ، كومىتېت ئەزاسى ياڭ لەن يىغىنغا قاتناشتى

3 ــ مارت ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11 ــ نۆۋەتلىك تۆتىنچى يىغىنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى ، ئەزا پېڭ لىيۈەن يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن باشقا ئەزالار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

    5 ــ مارت ، 11 ــ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆتىنچى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى ، يىغىن مەيدانى سىرتىدىكى ئايال خىزمەتچى خادىملار مۇخبىرلارنى دوراپ خەۋەر ئوقۇماقتا

    4 ــ مارت ، سىياسىي كېڭەش تەنتەربىيە كىچىك گۇرۇپپىسى سۆھبىتى نەق مەيدانىدا ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دىڭ ياپىڭ يىغىنغا قاتناشتى

    7 ــ مارت ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت ــ سەنئەت ساھەسى كىچىك گۇرۇپپىسى سۆھبىتىدە ، داڭلىق ئارتىس تەي لىخۇا پىكىر بايان قىلماقتا

3 ــ مارت ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جىجېن خەلق سارىيىدا خىزمەت دوكلاتى بەرمەكتە

5 ــ مارت ، 11 ــ نۆەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆتىنچى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى ، گۇيجۇدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لىيئا يۈدۇ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش مۇخبىرلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى

    5 ــ مارت ، 11 ــ نۆەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆتىنچى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى ، ئىككى نەپەر زاڭزۇ مۇخبىر خەلق سارىيى ئالدىدا زىيارەت قىلماقتا

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!