ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىراننىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا بارغان ھەربىي پاراخوتى قىزىل دېڭىزغا قايتىپ كەلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئىراننىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا بارغان ھەربىي پاراخوتى قىزىل دېڭىزغا قايتىپ كەلدى ئىراننىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا بارغان ھەربىي پاراخوتى قىزىل دېڭىزغا قايتىپ كەلدى
ئىران دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە گېنرالى ھەبىبۇللاھ 5-مارت دېيىشىچە، سۇۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرگەن ئىراننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى يەنە سۇۋەيىش قانىلى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغا قايتىپ كەلگەن.
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقى ھەبۇللاھنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ:« پاراخوت ئەترىتى ئوتتۇرا دېڭىزدا بۇرچىنى تاماملاپ بولدى، سۇۋەيىش قانىلى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغا قايتىپ كەلدى » دېگەن.
ھەبىبۇللاھ ھەربىي پاراخوتنىڭ قاچان قايتىدىغانلىقىنى دېمىگەن، پەقەت « 10-12 سائەت » ئىچىدە سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتىدۇ دېگەن.
ھەبىبۇللاھ ئىران ھەربىي پاراخوتى « دوستانە دۆلەتلەر » گە تىنچلىق ۋە دوستلۇق ئۇچۇرى يەتكۈزدى دېگەن.
ئىراننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سۇۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئۆتۈپ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى لاكىيا پورتىغا يېتىپ بارغان ئىدى.
مەنبە: جۇڭگو خەلقئارا لىنىيە تورى ئىسرائىلىيە سۇرىيەگە بارىدىغان ئىران ئۇرۇش پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ئىران ھەربىي پاراخوتى بۈگۈن سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتىدۇ ئىراننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈپ سۇرىيە پورتىدا توختىدى
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!