يەر شارى تورىنىڭ 7-مارت خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەنگىلىيە « مۇستەقىللىق گېزىتى » خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوبامانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىغا قورال تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى دېگەن. نۆۋەتتە، ئەنگىلىيە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەركىتىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرمىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئوبامانىڭ بۇ ھەركىتى تاسادىپىيلىق ئەمەسكەن، چۈنكى قازافى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان، سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەركىتىنى كۆپ قېتىم قوللىغان. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى نۆۋەتتە « مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى قورال » لار ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا موھتاج ئىكەن، بۇ قوراللار تانكا ئاتار، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما ۋە مىنامىيون قاتارلىق قوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى قولغا كەلتۈرگەن جەڭ غەلبىلىرى ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىش بېسىمىنى ئازلاتقان. سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ دۆلەت ئىچى ۋە پارس قولتۇقى رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىرغا قەدەر ئوبامانىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازافى ئېھتىمال « ئىستىپا بېرش » نى ئويلىشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ گېزىتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، « قازافى توپىلاڭچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، لىۋىيەدىن كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان»، « ئۆكتىچىلەر تېخى جاۋاپ قايتۇرمىغان ». بىرلا ۋاقىتتا، قازافى سۇرتە شەھىرىگە بولغان مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن. لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قازافىنىڭ ئوغلى سەيىف ئامېرىكىدىن لىۋىيەنىڭ « ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سومالى » غا ئۆزگىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7-مارت خەۋەر قىلىشىچە، بىر دوختۇر 3-ئاينىڭ 7-كۈنى قازافى قىسىملىرىنىڭ مىسۇراتا شەھىرىگە قوزغىغان ئۇرۇشتا ۋە ئاتقان زەمبىرەكلىرىدە 21 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بىر بالىمۇ قازا قىلغانلىقىنى، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىسۇراتا شەھىرى نۆۋەتتە توپىلاڭچىلارنىڭ قولىدا تۇرماقتا.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!