جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-مارت خەۋىرى: ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال سىتاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈز بەرگەن ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى پەۋقۇلئادە قاتتىق يەر تەۋرەشتە ھازىرغا قەدەر 60 ئادەم ئۆلگەن، 140 يېقىن ئادەم يوقاپ كەتكەن، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر 60 ئادەم يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا ئۆلگەن، بۇنىڭدىن سىرت، 100 ئادەم چىققان كېمىنى دېڭىز دولقۇنى ئېقىتىپ كەتكەن، كېمىدىكى خادىملارنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەسكەن.
يەر تەۋرەش ياپونىيەدىكى كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلارغا ئوت كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، توكيو ساقچى نازارىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، توكيو تېلىگىراف مەركىزىي بىناسىنىڭ يېنىدىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلگەن. چىبا ماي ئايرىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن، ئوت يالقۇنى نەچچە 10 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگەن، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا مەجبور بولغان. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندام يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى ياپونىيەدە تەبىئىي گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبلىك جەمئىي 84 ئورۇندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مىياگى ئايمىقىغا جايلاشقان ماتسۇ شىما ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى دېڭىز تاشقىنى بېسىپ كەتكەن، ئاساسىي جەھەتتىن سۇ بېسىپ كەتكەن. شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا، دېڭىز تاشقىنى سېنداي ئايرودرومىغا يېتىپ بارغان، ئايرودرومدىكى بارلىق ئۇچۇش قونۇش توختىتىلغان.
يەرلىكتىكى دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتىرغا يېقىن ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، تېلىۋىزىيەدە تارقىتىلغان كۆرۈنۈشتىن ئايان بولىشىچە، سېنداي شەھىرى ناتورى گاۋا دەريا ئېغىزىغا يېقىن جايدا دېڭىز تەتۈر ئېقىمى كۆرۈلگەن، بىر قىسىم ئۆيلەرنى دېڭىز تاشقىنى بېسىپ كەتكەن. مىياگى ئايمىقىدىكى بىر قىسىم جايلارنى 3 قەۋەتلىك بىنا ئېگىزلىكىدە سۇ بېسىپ كەتكەن. ئىۋاتې ئايمىقىنىڭ كامائىشى شەھىرىدىمۇ نەچچە ئونلىغان ماشىنا، بېلىق كېمىسى، ئۆيلەرنى ئېقىتىپ كەتكەن.
يەر تەۋرەشتە مىياگى ئايمىقىدىكى ئوناگاۋا يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو چىقىپ كېتىش يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئوناگاۋا يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيەنىڭ يەر تەۋرەش مەكىزىگە يېقىن 4 يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى بىخەتەر ئېتىۋېتىلگەن، نۆۋەتتە ياپونىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!