ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ناتو ئوتتۇرا دېڭىزغا ھەربىي پاراخوت كۆپەيتىپ ئەۋەتىشنى قارار قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ناتو ئوتتۇرا دېڭىزغا ھەربىي پاراخوت كۆپەيتىپ ئەۋەتىشنى قارار قىلدى ناتو ئوتتۇرا دېڭىزغا ھەربىي پاراخوت كۆپەيتىپ ئەۋەتىشنى قارار قىلدى
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 11-مارت خەۋىرى: ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى راسموسىن لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي رايونىغا ھەربىي پاراخوتنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، لىۋىيەدىكى ئەھۋالنى تېخىمۇ ئوبدان كۆزىتىشنى قارار قىلغان. بېريۇسىلدا ئېچىلغان ش ئا ئە ت ئەزا دۆلەتلىرى يىغىنىدىن كېيىن، راسموسىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ش ئا ئە ت نىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، راسموسىن مۇخبىرلارغا ش ئا ئە ت نىڭ ھەركەت قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئەگەر ب د ت نىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشسە لىۋىيەدە «ئۇچۇش چەكلەش رايونى» تەسسىس قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما لىۋىيەگە ھەر قانداق ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە لىۋىيە ۋەزىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم « ئېنىق قانۇنىي ئاساس » ۋە « كۈچلۈك رايونلۇق قوللاش » بولىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.
گېرمانىيە ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى لىۋىيەنىڭ گېرمانىيە بانكىلىرىدا ئاچقان 200 دىن كۆپ ھېساۋاتىنى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى توڭلاتقان، توڭلاتقان ئوبيېكىتلار لىۋىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە بانكىسىدىكى «دۆلەت مەبلەغ سېلىش فوندى» ۋە لىۋىيەنىڭ چەتئەللەرگە قارىتا ئاچقان ھېساۋاتلىرى ۋە لىۋىيە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش كومىتىتىنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت ئىدارىسىنىڭ لىدىرى شۇكرى غەنىمنىڭ جەزىملەشتۈرىشىچە، لىۋىيەدىكى بارلىق نېفىت ئەسلىھەلىرى نورمال يۈرۈشۈۋاتقان بولۇپ، لىۋىيەنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىدا يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ مۇھىم نېفىت بازىرى راسلانۇف ۋە زاۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىق توقۇنۇشلاردا، نېفىت ئەسلىھەلىرى ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى لىۋىيە ۋەزىيىتى نۆۋەتتە قازافىغا پايدىلىق يۆلىنىشكە قاراپ بۇرۇلدى، ئۆكتىچىلەر ئېھتىمال «ئازاپ-ئوقۇبەتلىك ئۇرۇش » قا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باش نازارەتچىسى جامۇس كلاپپېر ئاۋام پالاتادىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا لىۋىيە ۋەزىيىتىنى:« ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مېنىڭچە قازافى ھاكىمىيىتى غەلبە قىلىدۇ » دېگەن. ئۇ يەنە لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ھەققىدە، مېنىڭ قارىشىمچە ئۇلار مەيلى غەلبە قىلسۇن قىلمىسۇن ئازاب-ئوقۇبەتلىك ئۇرۇشقا پېتىپ قالىدۇ دېگەن. ئىگەللىگەن ئاخباراتلارغا ئاساسلانغاندا، قازافى 40 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇ « ئۇزۇن مۇددەت قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى » قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!