جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسىنىڭ 6-مارت خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيىسى تەتقىق قىلىپ چىققان ئىككىنچى X-37B ئالەم ئايروپىلانى 5-مارت فلورېدا شىتاتىغا جايلاشقان كېنىندى ئالەم قويۇپ بېرىش مەركىزىدە بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن. بۇ مەزكۇر تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئىككىنچى قېتىم بوشلۇقتا سىناق ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىشى. X-37B ئالەم ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسىز ئالەم ئايروپىلانى بولۇپ، ئامېرىكا بوئىڭ شېركىتى مەسئول بولۇپ تەتقىق قىلىپ چىققان. تۇنجى X-37B ئايروپىلانى ئوربىتىسىدا 225 كۈن ئۇچقان ئىدى.
سىرتقى شەكلىدىن قارىغاندا، X-37B پات ئارىدا چېكىنىدىغان ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى بىلەن ئىنتايىن « ئوخشاش » بولۇپ، پەقەت گەۋدىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل ئايروپىلاننى ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى تەتقىق قىلغان، كېيىن راسخوت چەكلىك بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇچقۇچىسىز X-37B ئايروپىلانىنى راكېتا ئوربىتىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا قۇياش ئېنىرگىيىسى باتارىيىسىگە تايىنىپ يەر شارىنى 9 ئاي ئايلىنالايدۇ، ئاندىن ئالەم ئايروپىلانىغا ئوخشاش قۇرۇقلۇققا قونىدۇ.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، X-37B بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، بارلىق ھەركىتىنى « ئاپتوماتىك ئېلىپ بارىدىكەن »، يەر يۈزىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ كونترول قىلىشى ھاجەتسىز ئىكەن. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ خىل بوشلۇق ئايروپىلانى ئاساسلىقى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىنى ۋە يول باشلاش ۋە كونترول سېستىمىسىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى سىنايدىكەن. ئامېرىكا تەرەپنىڭ دېيىشىچە، X-37B ھەربىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىكەن، ئەمما « بوشلۇق قورالى ئەمەس » ئىكەن، ئاخباراتقا ئېرىشىشتىكى « ئوربىتا قاراۋۇلى » ئىكەن.
مەنبە: خەلقئارا لىنىيە تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!