جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا تەرەققىياتىغا مەسئۇل ئەزاسى داكىئان گىروسى 4-مارتب ۇخارېستتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ھازىر ئاشلىق كىرىزىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، نۆۋەتتە ھازىر بازارنى تەمىنلەش كەمچىل بولۇش ياكى ئاشلىق كرىزىسى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يوق. ئەمما، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق باھاسى بازارنىڭ تەۋرىنىشى سەۋەبىدىن داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بازارنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش كېرەك، بولمىسا يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار