جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
شۇ يەر ۋاقتى 5-مارت سائەت 0دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، لىۋىيەدىن گرېتسىيەنىڭ كىرىت ئارىلىغا چېكىندۈرۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 274 جۇڭگولۇق جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ھازىرغىچە گرېتسىيەنىڭ كىرىت ئارىلىغا چېكىندۈرۈلگەن 13186 جۇڭگولۇقنىڭ ھەممىسى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىدە، جۇڭگونىڭ گرېتسىيەدىكى ئەلچىخانىسى گرېتسىيەنىڭ چوڭ پوچتا پاراخوتىدىن ئۈچنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئالدىن-كەينى بولۇپ، لىۋىيە پورتى ۋە گرېتسىيە كىرىت ئارىلى ئوتتۇرىسىدا ئالدىراش چېپىپ يۈرۈپ، جەمئىي 13186 جۇڭگولۇق، شۇنىڭدەك 1100دىن ئارتۇق بېنگال، ۋىيېتنام، گرېتسىيە، ئىتالىيەلىكنى چېكىندۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى، شۇنىڭدەك گرېتسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ، چېكىندۈرۈپ چىققان كىشىلەرنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى، ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان قېتىم سانى 40قا يەتتى.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار