ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش يېزا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئەزىز ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر جىڭ ناھىيەسىدە يېزىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى 12 مىليون 569 مىڭ 400 مىڭ يۈەنگە، سېتىلىش سانى 5952 گە يېتىپ، 2009 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 5.5 ھەسسە ۋە 6.5 ھەسسە ئاشقان.

   توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋىزور، كىرئالغۇنىڭ سېتىلىش سانى مىڭدىن ئېشىپ، سېتىلىش سوممىسى ناھىيە بويىچە يېزىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىگىلىگەن. 2601 توڭلاتقۇ سېتىلىپ، سېتىلىش سوممىسى 5 مىليون 596 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 4.5 ھەسسە ۋە 4.8 ھەسسە، 1453 رەڭلىك تېلېۋىزور سېتىلىپ، سېتىلىش سوممىسى 3 مىليون 776 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.2ھەسسە ۋە 11.3 ھەسسە، 1114 كىرئالغۇ سېتىلىپ، سېتىلىش سوممىسى 1 مىليون 82 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.6 ھەسسە ۋە 6.2 ھەسسە ئاشقان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!