ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

1–ئايدا قەشقەر شەھىرىنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى ئۈچ قاتلاندى

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر شەھىرى بۇ يىل ‹‹قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇشى››نى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مالىيە كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتكەنلىكتىن، شەھەرنىڭ 1 – ئايلىق يەرلىك مالىيە كىرىمى 279 مىليون 450 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى.

   قەشقەر شەھىرى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. نەتىجىدە، بۇ يىل 1 – ئايدا بۇ شەھەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلغان كىرىمى 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى. يەنە سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئاز كارخانىلارغا قارىتا يەر، مالىيە، باج، مەبلەغ سېلىش جەھەتتە بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مالىيە، باج قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى. 1 – ئايدا ئادەتتىكى مالىيە خامچوت كىرىمى ئىچىدە، باج كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %98 كە يەتتى. ھازىر، شەھەردىكى ئالاقىدار تارماقلار كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق شەھەر قۇرۇلۇشى مەبلىغى جۇغلاپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىپ، شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ رامكىسىنى كېڭەيتىپ، مالىيە كىرىمىنى تېز ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!