ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ يىل يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا 537 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىش پىلانلاندى

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 ھەر بىر ئائىلە ئېرىشىدىغان ئوتتۇرىچە ياردەم مەبلىغى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ

   غەيرەت ئۆمەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مۇتەللىپ قاسىم يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىل ۋىلايەت بويىچە يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا 537 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى، ھەر بىر ئائىلە ئېرىشىدىغان ئوتتۇرىچە ياردەم مەبلىغىنىڭ 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن 24 مىڭ 333 دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسى بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   ۋالىي مۇتەللىپ قاسىم يۇقىرىقى مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە توختالغاندا، ھەربىر ئائىلە ئېرىشىدىغان 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغنىڭ 10 مىڭ يۈەنىنى مەركەز، ئاپتونوم رايون، 10مىڭ يۈەنىنى ئاقسۇغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلار ئۈستىگە ئالىدۇ، ۋىلايەت مالىيەسى 50 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، قالغان قىسمىنى تولۇقلايدۇ، دېدى.

   ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ يىل يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش›› تەلىپى بويىچە پۇختا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن، قۇرۇلۇش كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىرغا يەتمىگەن ئۆيلەر يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە ئۆزگەرتىلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ھەقىقىي تۈردە ياخشىلىنىدۇ.

   خەلققە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئەلرازى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئىلگىرىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاساسىدا، ‹‹خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ‹‹بىر كەنتتە بىر پىلان، بىر ئائىلىدە بىر لايىھە بولۇش›› تەلىپى بويىچە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، يېزا – بازارلارغىچە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. قۇرۇلۇش سۈپىتىگە، سۈرئىتىگە، ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەردە ‹‹خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشى بويىچە بىردىن ئۈلگىلىك كەنت بەرپا قىلىش؛ ھەر بىر ئۈلگىلىك كەنت قۇرۇلۇشىغا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلىرى 3 مىليون يۈەندىن ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى ياردەم قىلىش پىلانى بېكىتىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!