‹‹ئافرىقا قاپلىنى››
ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ خەرەر قىلىشىچە ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بىرخىل ماشىنا ئادەم تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ ، بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى ئىنسانلاردىن ئېشىپ كەتكەن .
‹‹ئافرىقا قاپلىنى›› ناملىق بۇ ماشىنا ئادەمنى بوستون دىنامىكا قۇرۇلۇشى شىركىتى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپكە ياساپ بەرگەن بولۇپ ، يۈگۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە تەخمىنەن 113 كىلومېتىر ئىكەن . ‹‹ئافرىقا قاپلىنى››نىڭ تۇنجى مودېلى 20 ئايدىن كېيىن كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن .
بۇ تۆت پۇتلۇق ماشىنا ئادەمنىڭ ھەرىكەتچان ئومۇرتقىسى ۋە بېشى بولۇپ ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ‹‹قوغدىنىش پىلانى››غا كىرگۈزۈلىدىكەن . ئۇ ھەرخىل مۇرەككەپ يەر شەكىلىك يەرلەردە تېز سۈرئەتتە يۈگۈرۈش ، تېز ئايلىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىكەن .
بوستون دىنامىكا قۇرۇلۇشى شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ‹‹چوڭ ئىت›› ناملىق ماشىنا ئادەم تەتقىق قىلىپ چىققان . ‹‹چوڭ ئىت›› ھەرخىل مۇرەككەپ يەر شەكىلى شارائىتىدا تېز سۈرئەتتە يۈگۈرەلەيدىغان ، ھەمدە ، ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ يول يۈرەلەيدىغان بولغاچقا ، بوستون دىنامىكا قۇرۇلۇشى شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ 32 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ‹‹چوڭ ئىت›› جەڭ مەيدانىدا ئەسكەرلەرگە ئوق ــ دورا ، ئوزۇق–تۈلۈك ۋە باشقا بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىيالايدىكەن . ‹‹ئافرىقا قاپلىنى›› دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ‹‹چوڭ ئىت›› دەپ قارالماقتا .