ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مائىخارا ياپونىيەدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ سىياسىي مەبلىغىنى قوبۇل

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى مائىخارا تۈنۈگۈن ياپونىيەدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ سىياسىي مەبلىغىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن مەبلەغنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ سىياسىي مەبلەغ كىرىم-چىقىم دوكلاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋېستوتېن چانگا شۇ كۈنى پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى خام چوت كومىتېتى يىغىنىدا: مائىخارا ئۆتكەن تۆت يىلدا ياپونىيەدە تۇرۇپ قالغان كورېيەلىك بىر خانىمنىڭ 200 مىڭ ياپونىيە يىنى سىياسىي مەبلىغىنى قوبۇل قىلدى دېگەن. مائىخارا 50 مىڭ ياپونىيە يىنى سىياسىي مەبلەغنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ۋېستوتېن چانگا ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكاندىن مائىخارانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، نائوتوكان تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقسۇن، دېدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئەگەر مائىخارا سىياسىي مەبلەغنى قەستەن قوبۇل قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسى ۋە دىپلوماتىيە ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!