ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ب د ت لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى نېكسىيورجى ئۈلۈشكۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا: باش كاتىپ بان كىمون لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ، دېدى. نېكسىيورجىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، باش كاتىپ بان كىمون ئۈلۈشكۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن لىۋىيەنىڭ ئىچكى ۋە چېگرا رايونلىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنىدا، لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلدى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. نېكسىيورجى يەنە: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى لىۋىيەدىكى مۇساپىرلارغا جىددىي ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن، مەركەز جىددىي ئەھۋال فوندىدىن 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجىراتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، لىۋىيەدە مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن بۇيان، 147 مىڭ كىشى لىۋىيەدىن قېچىپ چىققان.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!