ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە تۇنىس چېگرىسىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقانلىقتىن

2011-يىلى03-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  لىۋىيە تۇنىس چېگرىسىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقانلىقتىنلىۋىيە تۇنىس چېگرىسىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقانلىقتىن گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتىنى ياردەمگە ئەۋەتتى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-مارت خەۋىرى: لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى بىلەن، لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن مۇساپىرلار تۇنىس چېگرىسىغا ئېقىپ كەلدى، نۆۋەتتە نەچچە ئون مىڭ ئادەم بۇ رايوندا ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىپ قۇتقۇزۇشنى كۈتكەن، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە قاتناشقان.
ب د ت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، لىۋىيەدىن ئايرىلغان مۇساپىرلار 180 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە 90 مىڭ ئادەم تۇنىس چېگرىسىغا كىرگەن، يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقىتتا ھەر سائەتتە مىڭدىن يۇقىرى ئادەم تۇنىسقا كىرگەن. كۆپ قىسىمى مىسىر ۋە تۇنىس ئىشلەمچىلىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بېنگال، ۋېيتنام، سىرىلانكا، ئېفىئوپىيە، چاد، نېگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىكەن.
ب د ت مۇساپىلار ئىشلىرى مەھكىمىسى تۇنىستا 20 مىڭ كىشىلىك چېدىر لاگىرى قۇرغان، ئەمما نەچچە كۈندىن بۇيان، يەنىلا نەچچە مىڭ ئادەم ئوچۇق دالىدا تۈنىگەن، بەزى مۇساپىرلار يامغۇردا نەچچە كۈن تۇرغان. گېرمانىيە پىدائىيلىرى ئاخباراتلارغا تەسۋىرلىشىچە، لاگىردا لازىملىق بۇيۇملار كەمچىل ئىكەن، ئاساسىي تازىلىق شارائىتىمۇ يوق ئىكەن. يەرلىكنىڭ تېمپراتورىسى 5~8 گىرادوسقىچە بولۇپ، بوران چىققان. قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىدىغانلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغاچقا، تولۇق تەييارلىق قىلالمىغان.
ب د ت ۋە قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى نۆۋەتتىكى ھالەت ئىنسانلار بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەككە يەتتى دەپ قارىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇملۇق كېسەل ئاگاھلاندۇرىشى چىقارغان، مۇساپىرلارنى تېزراق يۆتكەپ كېتىش بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەركىتىدىكى ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەن. ياۋروپادىكى نەچچە دۆلەت مۇساپىلار ئۈچۈن ھاۋادا ۋە دېڭىزدا يول ئاچقان. ياۋروپا ئتتىپاقى بۇ ئىشقا 30 مىليون ياۋرو ئاجراتقان. گېرمانىيە 3 دانە ھەربىي پاراخوتنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىگە قاتناشتۇرغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ھەربىي ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر 10 مىڭ ياۋروپالىق لىۋىيەدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 200 نەپەر ئەتراپىدىكى ياۋروپالىق قۇتقۇزۇشنى كۈتۈۋېتىپتۇ. نەچچە يۈز گېرمانىيە پۇقراسى ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتقان، يەنە 50 ئەتراپىدىكى گېرمانىيە پۇقراسى يەنىلا لىۋىيەدە ئىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!