جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
15-نۆۋەتلىك گرۇزىيە مەسىلىسى خەلقئارا سۆھبىتى 4-مارت جەنۋەدە ئاخىرلاشتى، سۆھبەتلەشكەن ئىككى تەرەپ بولغان رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى خېلى تىنچ، دەپ قارىدى. ئەمما ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش ھاسىل قىلمىدى، ئىككى يىغىندا ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوستى گىرۇزىيەنىڭ ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە ئاپتونوم ئوبلاست بولۇپ، گرۇزىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت قارشىلىشىپ كەلگەن. 2008-يىلى، 8-ئايدا گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، رۇسىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى ئىككى رايوننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. گرۇزىيە ھۆكۈمىتى، ئىككى رايوننىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار