جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-مارت خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى پاكتىيا ئۆلكىسىدە بىر ماشىنا يول بويىغا كۆمۈلگەن بومبا پارتلاش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 12 پۇقرا قازا قىلغان، 5ئادەم يارىلانغان.
پاكتىيا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، قازا قىلغۇچىلار 5 نەپەر ئۆسمۈر، 2 ئايل ۋە 5 نەپەر ئايال ئىكەن. ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ قوشنا دۆلەت پاكىستاندىن دۆلىتىگە قايتىۋاتقان ئىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!