‹‹ ۋال سترېت كۈندىلىك گېزىتى ›› ۋە ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى سىناش تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى قوللاش نىسبىتى يانۋاردىكى %53 تىن %48 كە تۆۋەنلىگەن .
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ، %46 تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۇنىڭ خىزمىتىدىن رازى ئەمەسكەن . بىر ئەل رايىنى سىناش مۇتەخەسىسسى ئەگەر ئوباما ئىشسىزلىق نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتمىسە ، ئۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قايتا قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ، دېگەن .
بىراق ئوباما ئۈچۈن ئازراق پايدىلىق يېرى شۇكى ، 2012 ــ يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ، ئۇ %31 كە قارشى %50 لىك قوللاش بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى يوشۇرۇن رەقىبى ، مىننېسوتا ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى تېم پولېنتنى يەڭگەن .
بۇ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۇنچە بەك ياخشى ئەمەسكەن ، 3 / 4 قىسىم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچىلار ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ داۋالاش ، مائارىپ ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق ساھەلەردىكى خامچوتنى زور دەرىجىدە قىسقارتىۋېتىشنى قوللىمىغان . بۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ساھەلەردىكى خامچوتنى قىسقارتىش پىلانىغا توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلگەن .
تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، نۇرغۇنلىغان تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا نىسبەتەن كۆز قارىشى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن . پەقەت %29 تەكشۈرۈلگۈچى ئامېرىكا ئىقتىسادىي 2012 ــ يىلدىن باشلاپ ياخشىلىنىدۇ ، دېيىشكەن . ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تۈرلۈك خىزمىتى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى كۆپەيتىش ۋە قىزىل رەقەمنى ئازايتىش دەپ قارىغان .