3–مارت چۈشتىن كېيىن ، يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جيەنچۈەن ناھىيەسى جىنخۇا بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، توققۇز ئادەم قازا قىلغان ، يەتتە ئادەم يارىلانغان .
يۈننەن ئۆلكىلىك ئورمانغا ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 2–مارت سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، يۈننەن دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جيەنچۈەن ناھىيەسى جىنخۇا بازىرىنىڭ جىنخې يېزىسىدىكى قاقاس تاغدا تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن . شۇ جايدىكى ئوت مۇداپىيە تارماقلىرى 140 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى ئوت ئۆچۈرۈشكە تەشكىللىگەن . 3–مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ ، خادىملار ئوت كەتكەن مەيداننى تازىلىغان . لېكىن چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دە ، تۇيۇقسىز بوران چىقىپ نەق مەيداندا قايتىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن . يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوت ئارىسىدا قېلىپ توققۇز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ، ئۇنىڭدىن باشقا يەتتە ئادەم يارىلانغان .
ئىگىلىنىشىچە ، يارىلانغانلار ئىچىدە بىرىنىڭ يارىسى ئېغىرراق ئىكەن .