جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 8-مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك ئاياللارنى كۈتىۋېلىش زىياپىتى8- مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېن جىلى كۈتىۋېلىش زىياپىتىدە ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئاچا سىڭىللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئاياللىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاياللار ئاپپاراتلىرى ، تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ئاياللىرى بىلەن ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش،ئورتاق تونۇشنى شەكىللەندۈرۈش،ھەمكارلىق، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ پۇرسەتنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئەر ئاياللار باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاياللار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،دۇنيانىڭ مەدەنىيلىكى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەركىزىي كومىتېتنىڭ بېيجىڭدىكى ئايال ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئالاقىدار مىنىستىرلىق ، كومىتېتلارنىڭ ئايال رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جۇڭگودىكى ھەر مىللەت ھەر ساھە ئايال ۋەكىللىرى، جۇڭگودا زىيارەتتە بولىۋاتقان سىرىلانكا پىرېزىدېنتىنىڭ رەپىقىسى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئايال دىپلوماتلىرى، ئەلچىلەرنىڭ رەپىقىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ رەپىقىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئاياللار بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، مەدەت بېرىۋاتقان ھەر ساھە دوستلاردىن بولۇپ 1800 كىشى كۈتىۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت