جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7-مارت ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، 11-بەش يىلدا دۆلەتنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىش، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلاردا ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى بىر قەدەر تېز ئاشقان. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمالى بىر قەدەر كۈچلۈك ئاشقان، تۇرمۇش ئىستېمال سەۋىيەسى مۇقىم ئېشىپ، تۇرمۇش سۈپىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.
ئۆتكەن بەش يىلدا ئېلىمىزدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساپ كىرىمى 2005-يىلدىكى 3255 يۈەندىن ئۆتكەن يىلى 5919 يۈەنگە يىتىپ، 2664 يۈەن كۆپەيگەن، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، %8.9 ئەمەلىي ئاشقان. 10-بەش يىلغا سېلىشتۇرغاندا، 3.6 پوئىنىت ئەمەلىي ئاشقان. ئىستاتىستىكا تارماقلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: 11-بەش يىلدا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ تېز ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك تۆۋەندىكىچە: مائاش خاراكتېرلىك كىرىم داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئاشقان؛ ئائىلە تىجارەت ساپ كىرىمى مۇقىم بىر قەدەر تېز ئاشقان؛ يۆتكىلىش خاراكتېرلىك كىرىم بولۇپمۇ سىياسەت خاراكتېرلىك يۆتكىلىش كىرىمى تېز ئاشقان؛ مالىيە خاراكتېرلىك كىرىم مۇقىم ئاشقان. ئۆتكەن بەش يىلدا، يېزا ئائىلىلىرىدە چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان؛ توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، سۇ ئىسسىتقۇچ، كۆچمە تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىقلار ھەسسىلەپ ئاشقان. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلانغان.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى