جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئىشخانا مۇدىرى دەي بوخۇا تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 30 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى %21.3 بولدى، مالىيە كىرىمى ئۈزلۈكسىز تېز ئېشىپ، پارتىيە، مەركەز، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى مۇستەھكەم مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
دەي بوخۇا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىم دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، چىقىم قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلدى. بىر كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىك شۇكى: خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغ زور دەرىجىدە ئاشتى.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيەسىدە، مائارىپ، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم تۆت تىرىليون 456 مىليارد يۈەن، بىر تىرىليون 490 مىليارد يۈەن، 3 تىرىليون 330 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىپ، 10-بەش يىللىق پىلان مەزگىلدىكىدىن 1.6، 2.6 ۋە 1.3 ھەسسە ئاشقان.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!